تور بەت كۆرگۈچكە ئالمىشىڭ

سوئال جاۋابلار

يانفون نۇسخىسىغا دائىر سورالغان سوئال-جاۋابلار

جاۋاب: ياق، سىستېمىمىزنىڭ مۇقىم ئىشلىتىش ۋاقتى يوق، سىز سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ تاكى شۇ يانفونىڭىز ۋە يانفون كارتىڭىز نورمال ئىشلىگەنگە قەدەر قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىتەلەيسىز.
جاۋاب: شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ يانفون نۇسخىسى بىرلا يانفون ۋە بىرلا يانفون كارتىسىنى تونۇپ ئىشلەيدىغان بولغاچقا، سىز سېتىۋالغاندىن كېيىن يانفوننى ياكى يانفون كارتىسىنى ئالماشتۇرسىڭىز (يانفون كارتسىنى تولۇقلا قايتا بېجىرسىڭىزمۇ بولمايدۇ) سىستېمىنىڭ «ئۈسكۈنە نومۇرى» ئۆزگىرىپ كېتىپ، بۇرۇن سىز بىزدىن ستېىۋالغان «ئىجازەت نومۇرى» ئىشلىمەيدۇ. شۇڭا «قايتا سېتىۋېلىڭ» دەپ چىقىۋالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سىز ھەقىقەتەن تېلېفون كارتىسى ۋە يانفوننى ئالماشتۇرغان بولسىڭىز چوقۇم قايتا سېتىۋالىسىز، چۈنكى سىز سىستېمىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنلا «سېتىۋېلىش كېلىشىمى» گە «قوشۇلىمەن» دەپ ئۆزىڭىز رازى بولۇپ سېتىۋالغانلىقىڭىز ئۈچۈن بارلىق مەسئۇلىيەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىسىز دېگەن گەپ. شۇڭا قايتا سېتىۋالمىسىڭىز بولمايدۇ.
جاۋاب: بۇنىڭدا مۇنداق بىر قانچە خىل سەۋەبتىن «ئۈسكۈنە نومۇرى» ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بىرىنچى سەۋەب: ناۋادا سىز يانفون ۋە يانفون كارتىسىنى ئالماشتۇرمايلا سىستېمىدىكى «ئۈسكۈنە نومۇرى» ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا، سىز سىستېما سېتىۋالغاندا ئىككى تال يانفون كارتىسى بار ياكى بىرتاللا يانفون كارتىسى بار بولۇپ، سىستېمىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن بىر تال يانفون كارتىسىنى چىقىرۋەتكەن بولسىڭىز ياكى يەنە بىر تال يانفون كارتىسى سالغان بولسىڭىز «ئۈسكۈنە نومۇرى» ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئىككىنچى سەۋەب: سېتىۋالغان چاغدىلا ئىككى تال يانفون كارتىسى بار بولۇپ، سىز يانفونىڭىزنىڭ تور تەڭشىكىدىن ياكى تېلېفون ئۇرۇش تەڭشىكىدىن ئىككى كارتىنىڭ تەڭشىكىنى ئالماشتۇرغان بولسىڭىز يەنى تورغا چىقىش تەڭشىكى ياكى تېلېفون ئۇرۇش تەڭشىكىنى ئالماشتۇرغان بولسىڭىز بىزنىڭ سىستېما تۇنجى قېتىم سېتىۋالغاندا ئاساس قىلىنغان بىرىنچى كارتىنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن، سىز تەڭشەكنى ئالماشتۇرۇپ تۇنجى قېتىملىق كارتىنى قوشۇمچە كارتا قىپ تەڭشەپ قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن، «ئۈسكۈنە نومۇرى» ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
جاۋاب: قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ «ئۈسكۈنە نومۇرى» يانفوننىڭ IMIE نومۇرى بىلەن يانفون كارتىسى (يەنى سۆزلىشش كارتىسى) نىڭ SSID نومۇرىنى ئاساس قىلىپ ئۈسكۈنە نومۇرىنى چىقىرىپ بېرىدۇ، دېمەك سىز مەيلى يانفون ئالماشتۇرۇڭ، مەيلى سۆزلىشىش كارتىسى ئالماشتۇرۇڭ ۋە ياكى قايتا تولۇقلاپ بېجىرىڭ، مۇشۇ ئۇچۇرلار تۇنجى قېتىم سېتىۋالغاندىكى ئۇچۇرلار بىلەن بىردەك بولمىسا «ئۈسكۈنە نومۇرى» ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا سىز مۇشۇ مەشغۇلاتلارنى قىلغان بولسىڭىز قايتا سىستېمىنى سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك.
جاۋاب: سىز سىستېمىنى سېتىۋالغاندا «سېتىۋېلىش كېلىشىمى» دىكى ئىشلارنى سادىر قىلمىغان بولسىڭىز، قايتا سېتىۋالمايسىز. قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ يېڭى نەشرى پۈتۈنلەي ھەقسىز، قايتا پۇل تاپشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. يېڭىلاش جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي سىستېمىنى يۇيۇۋەتكەن بولسىڭىز شوپۇرلۇق تورىدىن قايتا يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، بۇرۇن سېتىۋالغان «ئىجازەت نومۇرى» نى كىرگۈزسىڭىز سىستېما نورمال قوزغىلىدۇ.
جاۋاب: سىز شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ سىستېمىنىڭ «ئىجازەت نومۇرى» سىز ئىشلىتىۋاتقان يانفونىڭىزنىڭ ئالاقىداش (联系人) نىڭ ئىچىگە ئۇيغۇرچە ئىسىمدا «قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھانى» دەپ ساقلىنىدۇ. سىز مۇشۇ ئالاقىداشنى ئېچىپ، تەپسىلاتىغا قارىسىڭىز، سىز قايسى پەننى سېتىۋالغان بولسىڭىز شۇ پەننىڭ ئىسىمى بويىچە «ئىجازەت نومۇرى» ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «ئىجازەت نومۇرى» يانفونىڭىزنىڭ ئالبوم (相册) ياكى رەسىم ئامبىرى (图库) دا رەسىم شەكىلىدە بىر نۇسخا ساقلىنىپ قالىدۇ.
جاۋاب: ياق، ئادەتتە يانفون ۋە يانفون كارتىسى ئالماشمىغان ئەھۋالدا قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى شۇ سېتىۋالغان يانفونغا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شەرت شۇكى سېتىۋالغان چاغدىكى «ئىجازەت نومۇرى» بولۇشى كېرەك. شۇڭا زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇشتىن بۇرۇن سېتىۋالغان «ئىجازەت نومۇرى» نى بىرەر يەرگە زاپاسلىۋېلىپ ياكى يېزىۋېلىپ، ئاندىن زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇڭ.

كومپيۇتېر نۇسخىسىغا دائىر سورالغان سوئال-جاۋابلار

جاۋاب: سىز قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنى سېتىۋېلىپ، كومپيۇتېرغا قاچىلاپ تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنى ئالماشتۇرمىغان ئەھۋالدا ئىككى يىلغىچە ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىز. مەسىلەن: 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ سىستېمىنى تىزىملاتقان بولسىڭىز 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىشلىتەلەيسىز. بۇ مەزگىللىك سىستېمىنىڭ يېڭىلاش ئىشلىرى تولۇق ھەقسىز بولىدۇ. قايتا پۇل تۆلەپ يېڭىلاش بىھاجەت.
جاۋاب: ياق، قايتىدىن سېتىۋالمايسىز. سىستېمىنى تىزىملاتقان ۋاقتىڭىزدا، يانفون نومۇرىڭىزغا سىستېمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تىزىملاش نومۇرلىرى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ يەنى مۇلازىمەت نومۇرى، كومپيۇتېر نومۇرى ۋە ئىجازەت نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار تولۇق يوللىنىدۇ. يانفون قىسقا ئۇچۇرىڭىزدا شۇ نومۇرلار بولسىلا، شۇ كومپيۇتېرىڭىزغا قايتا سىستېما قاچىلىغان ئەھۋالىدىمۇ شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى يەنە نورمال تىزىملاپ ئىشلىتەلەيسىز. ناۋادا ئۇ قىسقا ئۇچۇرنى يۇيۇۋەتكەن بولسىڭىز، شۇ شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى قاچىلىغان كومپيۇتېرىڭىزنىڭ D دىسكىسىنىڭ ئىچىدە Qutyar.png نامىدىكى بىر تال رەسىم ھۆججىتى ساقلىنىدۇ، شۇ رەسىم ھۆججىتىنى ئاچسىڭىز، رەسىمدە سىستېمىنىڭ مۇلازىمەت نومۇرى، كومپيۇتېر نومۇرى ۋە ئىجازەت نومۇرى تولۇق ساقلانغان، مۇشۇ ئۇچۇلاردىن پايدىلىنىپ سىستېمىنى قايتا تىزىملاش ئېلىپ بارالايسىز.
جاۋاب: ئادەتتە ئىككى خىل ئەھۋالدا، شوپۇرلۇق سىستېمىسىدىكى كومپيۇتېر نومۇرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. 1 - خىل ئەھۋال : كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېتاللىرى ئالماشتۇرۇلغاندا. ئادەتتە شوپۇرلۇق سىستېمىدىكى كومپيۇتېر نومۇرى، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنىڭ زاۋۇت تەرەپ بېكىتكەن، بىردىنبىر تەرتىپ نومۇرىدىن پايدىلىنىپ ھاسىللانغان بولۇپ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېتاللىرى (كومپيۇتېر ئاساسى تاختىسى، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئاساسى تاختا، قاتتىق دېسكا، تور كارتسى... ) ئالماشتۇرۇلغان بولسا، شوپۇرلۇق سىستېمىسىدىكى كومپيۇتېر نومۇرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا شوپۇرلۇق سىستېمىنى قايتا سېتىۋېلىپ، يېڭىدىن تىزىملاپ ئىشلىتىشىڭىز كېرەك. 2- خىل ئەھۋال : شوپۇرلۇق سىستېما قاچىلىغان كومپيۇتېرىڭىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى WindowsXP بولۇپ، سىز بۇ مەشۇلات سىستېمىسىنى يۇقىرى نەشىردىكى باشقا Windows سىستېمىسىغا ئالماشتۇرغاندا. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئالدى بىلەن بۇرۇن سىز شوپۇرلۇق سىستېما قاچىلىغان ۋاقتىڭىزدا كومپيۇتېرىڭىزدا قايسى سىستېما بولسا، شۇ خىل مەشغۇلات سىستېمىنى قاچىلاپ، ئاندىن بىزنىڭ شوپۇرلۇق سىستېمىىنى قاچىلىسىڭىز، شوپۇرلۇق سىستېمىسىدىكى كومپيۇتېر نومۇرى بۇرۇنقى سېتىۋالغان ھالەتتىكى بىلەن بىردەك بولىدۇ، ئاندىن سىز مۇلازىمەت نومۇرى ۋە ئىجازەت نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، تىزىملىتىپلاداۋاملىق ئىشلىتەلەيسىز.